ئالتۇن باھاسى 30دوللارغا يېقىن تۆۋەنلىدى

ilkan_5 2026-06-03 18:27:02

\

چارشەنبە كۈنى يەنى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل% 0.5 كە يېقىن (30 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) چۈشۈپ، سائەت 07:30 غىچە، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر ئۇنسىيەسى 4462.24 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى خىزمەت ئورنىدىكى بوش قالغان ئورۇنلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى تەكشۈرۈش (JOLTS) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا مۇرەككەپ سىگنال كۆرۈلگەن بولۇپ، خىزمەت ئورنىدىكى بوش قالغان ئورۇنلارنىڭ كۈچلۈك ئېشىش نىسبىتى دوللارنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئالتۇننىڭ داۋالغۇپ تۇرۇش يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. توقۇنۇش ئېنىقسىزلىقى بىلەن ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گىرەلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، بازار كەيپىياتى كۈچلۈك داۋالغۇپ، نېفىت باھاسى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى بىر يېرىم ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىدىن 96.05 دوللار/تۇڭغىچە يېڭىلانغان، پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئۆسۈمسىز مۈلۈك ئالتۇنغا قارىتا كۆرۈنەرلىك بېسىم شەكىللەندۈردىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.