ئالتۇننىڭ ئۆرلىشى داۋاملىشىشى مۇمكىن

ilkan_5 2026-06-02 18:50:17

\


خەلىقئارا ئالتۇن ئاخىرقى باھا باسقۇچىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيەسى 4485 دوللار ئەتراپىدا يېپىلغان. بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ كېيىن ئېلان قىلغان سۆزىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، ئۇ ۋاقتىنچە توقۇنۇشىنىڭ ئۇنداق جىددى ھالەتكە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئىپادە بازارنىڭ ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتىگە بولغان تىنچلىق كۆزلىمىسىنى سەل ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر قىسىم قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىشىغا تۈرتكە بولغان. كېيىنكى بازارغا نەزەر سالساق، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا جۇغراپيىلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ھەمدە ئامېرىكا پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
سەيشەنبە (6-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4482 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنغان، يەنى ئالتۇن باھاسى يەنىلا بىر خىل يۆنىلشىلىك ھالىتىنى ساقلىغان
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.