پايدىسىز خەۋەرنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل% 2 كە يېقىن چۈشتى

ilkan_5 2026-06-02 18:48:07

\

دۈشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى) دىكى بازاردا، نەق مال ئالتۇن باھاسىدا داۋالغۇپ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، كۈندۈزى بىر مەھەل% 2 كە يېقىن چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4447.71 ئامېرىكا دوللىرىلىق كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. بۇ چۈشۈش ۋەزىيىتىنىڭ ئارقىسىدا كۆپ خىل ئامىللار ئورتاق تەسىر كۆرسەتكەن يەنى. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان 5-ئايلىق ISM ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتورى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇنغا بىۋاسىتە بېسىم پەيدا قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشكە يۈزلەنگەن ، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلەشكەنلىك خەۋىرى بازارنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ ـ خەتەرگە بولغان ئەندىشە كەيپىياتىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىۋەتكەن، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە
خەلقئارادا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ% 8 تىن ئېشىپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. نېفىت باھاسىنىڭ جىددىي ئۆرلىشى بازارنىڭ پۇل پاخاللىقى ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ھەم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىغا بولغان كۆزلىمىسىنى كۈچەيتكەن، بۇ ئامىللار بىرلىكتە ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.