ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى تېخىنكىلىق يۈزلىنىش مۆلچەرى

ilkan_5 2026-05-05 18:03:35

\


تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنىلا چۈشۈش خاھىشىنى ساقلىغان، بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ تۆت سائەتلىك گىرافىكتىكى 200 دەۋرىيلىك ئاددىي يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىقى (ھازىر ھەر ئۇنسىيەسى 4655.02 ئامېرىكا دوللىرى) نىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىدە ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى نۆۋەتتە يەنە 3-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ % 38.2 لىك فىبوناچچى چېكىنىش ئورنىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. گەرچە ئالتۇن باھاسى % 50 لىك چېكىنىش ئورنى (يەنى 4500 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيە) دىن ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى يەنىلا زىچ توسالغۇ بەلبېغى بىلەن چەكلىنىپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار قۇۋۋەتىنى ئۆلچەيدىغان تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز بولغان. نىسپىي كۈچلۈكلۈك كۆرسەتكۈچى نۆۋەتتە 50 نېيترال سىزىقنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە 39.84 ئورۇندا ئايلىنىپ يۈرگەن، كۆچمە ئوتتۇرىچە سىزىق كۆرسەتكۈچىمۇ نۆۋەتتە مەنپىي قىممەت رايونىدا تۇرغان. بۇ بىر قاتار تېخنىكىلىق سىگنال ئەكسىچە يۇقىرىغا ئۆرلەشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق يۈزلىنىشنىڭ% 38.2 فىبوناچچى چېكىنىش ئورنىنىڭ (يەنى ھەر ئۇنسىيە 4595.23 ئامېرىكا دوللىرى) نىڭ ئۈستىدىكى تەمىنلەش بېسىمى ئاستىدا تەدرىجىي يوقىلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر كېيىنكى باھا داۋاملىق ئۆرلەشنى سىناپ باقسا،ئۇنداقتا 200 دەۋرىيلىك ئاددىي كۆچمە ئوتتۇرىچە سىزىقى (4655.02 ئامېرىكا دوللىرى) ئەتراپىدا قارشىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.