دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

ilkan_5 2026-04-29 18:02:26

\


4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2026-يىلى 1-پەسىللىك «يەرشارىۋى ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج يۈزلىنىشى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى (ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، زىخچە ئالتۇن، ئالتۇن ETF ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومۇمىي مىقدارى 362 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 24 ئېشىپ، رېكورت يارىتىلغاندىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئېشىشى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئىستېمالىدىكى سۇسلىشىش ۋەزىيىتىنى تولۇق تۈگەتتى. سومما بويىچە ھېسابلىغاندا، 1-پەسىلدە جۇڭگونىڭ ئالتۇن ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 994 مىليارد 900 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، ئوخشاشلا 1-پەسىلدىكى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.تۈرلۈك ئېھتىياج ئومۇمىي سوممىسى، جۈملىدىن ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىنىش بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.