نەق مال ئالتۇن مۇقىم قايتا ئۆرلىدى

ilkan_5 2026-04-17 17:26:51

\

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۈزلىنىشكە نەزەر سالساق، نەق مال ئالتۇن پەيشەنبە كۈنىدىكى سودىدا كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلغان. گەرچە ئالدىنقى سودا كۈنى بىر ئايلىق يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن ئازراق داۋالغۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا يۇقىرى پەللە ئارىلىقىنى ساقلىغان. بۇ 3-ئايدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان. ئەينى چاغدا، ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى سەۋەبىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ۋە بازارنىڭ ئوبوروتچانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى كۈچىيىپ، ئۈنۈمسىز ئالتۇننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن مەبلەغ بىر مەھەل قىممەتلىك مېتال بازىرىدىن ئېقىپ چىققان. ھالبۇكى،ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتنى تېز سۈرئەتتە قايتا باشلاش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلىغان. بازار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىغان:ئەگەر ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى پەسەيسە، ھەتتا ئۇرۇش ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشسا، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، بۇ، پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئالتۇننى ئۇزاق مۇددەتلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
High Ridge Futures مېتال سودىسى باش نازارەتچىسى David Meger ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى پەسەيسە ياكى ئۇرۇش ئاخىرلاشسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ..بۇ بەلكىم قىممەتلىك مېتاللار بازىرىغا تىرەك بولۇشى مۇمكىن. »نۆۋەتتە، سودىگەرلەرنىڭ بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە بولغان مۆلچەر نىسبىتى % 32 كە ئۆرلىدى، بۇ سان گەرچە يەنىلا ئىلگىرىكى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئىشسىزلىق پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ئويلىمىغان يەردىن 207 مىڭ ئادەمگە چۈشۈپ قالدى، بۇ، ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىنىڭ گەرچە ئۇرۇش كۆلەڭگىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا نىسبەتەن مۇقىم بولغانلىقىنى نامايان قىلدى.بۇ، بازارنىڭ ئىقتىسادنىڭ قاتتىق قونۇشىغا بولغان ۋەھىمىسىنى يەنىمۇ پەسەيتىپ، ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىشنى تېخىمۇ مۆتىدىل ماكرولۇق ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلىدى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.