سانلىق مەلۇمات ئالتۇن بازىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

ilkan_5 2026-04-08 17:16:43

\


كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، مەبلەغ سالغۇچىلار جىددى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا، جۈملىدىن ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنىڭ كونكرېت ئىلگىرىلىشى، شۇنداقلا نېفىت بازىرى ۋە پاي بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە بولغان مايىللىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە داۋاملىق يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماكرو ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە (بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە سەھەر) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدىكى يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنىدىكەن، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال چىقىمى (PCE) سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدىكەن، جۈمە كۈنى ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) كۈتۈۋېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، چارشەنبە كۈنى يەنە يېڭى زېلاندىيە بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارا سۆزىنى كۈتۈۋالىدىكەن، بازار بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ترامپنىڭ تۇيۇقسىز ئىككى ھەپتىلىك ۋاقىتلىق توقۇنۇشنى توختىتىشنى جاكارلىغانلىق خەۋىرى ئەسلىدىكى جىددىي جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتكە «مۇقىملاشتۇرغۇچ»بولغان. نېفىت باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشى ۋە ئالتۇننىڭ كۈچلۈك قايتا ئۆرلىشى بازارنىڭ تىنچلىق كۆزلىمىسىگە بولغان تېز سۈرئەتتە باھا بېكىتىشىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتەر بىلەن پۇرسەت ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتتە ئالمىشىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.