ئالتۇن كېيىنكى قەدەمدە ئۆرلەمدۇ ياكى چۈشەمدۇ؟

ilkan_5 2026-04-07 16:52:05

\

دۈشەنبە (4-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئالتۇن باھاسى 4600-4700 رايونىدا تەۋرىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 4650 ئامېرىكا دوللىرىدا يېپىلىپ،% 0.55 كىچىك نىسبەتتە چۈشكەن. قارىماققا نورمال كۆرۈنىدىغان بۇ چۈشۈشنىڭ ئارقىسىغا بىر مەيدان توقۇنۇش، پۇل پاخاللىقى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى توغرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت يوشۇرۇنغان.
شۇ كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىلىشىم تەلەپ رەسمىي رەت قىلىنىپ، ترامپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8:00 گە (بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00) يېقىنلاشقان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن بازىرى ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. بىر تەرەپتىن، ئالتە ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان توقۇنۇش خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى پۇل سىياسىتىنى ساقلاشقا، ھەتتا چىڭىتىشقا مەجبۇر قىلغان، بۇ ئۆسۈم ئالمايدىغان ئالتۇنغا بېسىم پەيدا قىلغان.. سەيشەنبە (4-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4655 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.