ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ گىرەلىشىشىنىڭ نەتىجىسى

ilkan_5 2026-04-06 17:26:27

\

جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتى ئەسلىدە تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك − مەبلەغ سالغۇچىلار ئادەتتە ئېنىقسىزلىق ئۆرلىگەندە ئالتۇنغا يۈزلىنىپ، «قىممىتىنى ئاخىرقى دەرىجىدە ساقلاش»قورالى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ نېفىت باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى بىۋاسىتە ئۆرلىتىپ، بۇ ئارقىلىق مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقىنى كىچىكلىتىپ، ئەكسىچە ئامېرىكا دوللىرى ۋە زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۈچەيتتى.
ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:بازار ترامپنىڭ ھەربىر سۆزىگە يۈكسەك دىققەت قىلدى، لېكىن ھازىرغا قەدەر، بۇ پوزىتسىيەلەر ئېنېرگىيە ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەل بولىدىغانلىق ئالامىتىنى كۆرسەتمىدى. ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇن باھاسىنى بېسىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ئايلاندى. گەرچە ۋال كوچىسىدىكى بىر قىسىم تەھلىلچىلەر قىسقا مۇددەتلىك ئالتۇنغا بىتەرەپ ياكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆرلەش پوزىتسىيەسىدە بولغان بولسىمۇ، ئاساسىي كوچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار يېقىندا باھانى تەڭشىگەندىن كېيىن سەل ئۈمىدۋار بولۇپ، زىيادە سېتىۋەتكەندىن كېيىن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش پۇرسىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى، نېفىت باھاسىنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت سىگنالى،يەنىلا ئالتۇننىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولىدۇ.تارىخىي تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش جۇغراپىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەمىشە ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ، لېكىن ئەگەر ئۇزاق مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقى بىلەن ئېشىش ئەندىشىسىنىڭ ئارىلاشما ۋەزىيىتىگە ئۆزگەرسە، ئالتۇننىڭ ئىپادىسى پارچىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.