ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن، ئالتۇن-كۈمۈش باھاسى بېسىم ئاستىدا تۆۋەنلىدى

ilkan_5 2026-03-16 17:10:29

\


3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەنلىك سودىدا، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ 100 چوڭ ئۆتكەلگە قايتىپ كېلىشىنىڭ بېسىمىدا، قىممەتلىك مېتاللار بۆلىكى پۈتۈن سەپ بويىچە ئاجىزلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي ئالتۇن بانكىسىنىڭ ئاساسلىق 2604 توختامى % 2 تىن ئارتۇق ، شاڭخەي بانكىسىنىڭ ئاساسلىق 2606 توختامى % 8 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن.
1.بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت ئىناۋەت زاكاز مال باش شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھازىر قىممەتلىك مېتاللار بازىرىدىكى سودا ئاساسىي لىنىيەسى «جۇغراپىيەلىك خەۋپتىن ساقلىنىش»تىن «پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى بىلەن پۇل سىياسىتى كۈرىشى»گە يۈزلەندى. گەرچە جۇغراپيىلىك توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىمۇ بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش ـ نېفىت باھاسى ـ پۇل پاخاللىقى»نىڭ يەتكۈزۈلۈش زەنجىرى بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلىشى، ھەتتا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى كېچىكتۈرۈشىگە بولغان كۆزلىمىسىنى كۈچەيتكەن، بۇئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەمدە ئالتۇن باھاسىدا بېسىم شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. كۈمۈش بولسا ئالتۇننىڭ ماكرولۇق لوگىكىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان.لېكىن ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تاۋار خۇسۇسىيىتى ۋە باھانىڭ ئېلاستىكلىقى بولغاچقا، داۋالغۇش تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان.
2.ۋۇكۇاڭ زاكاز مېلى مۇنداق دېگەن:نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى بازاردىكى پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، شۇنداقلا بازارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېنېرگىيە زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى قايتا باھالىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2025-يىلى 4-پەسىلدىكى GDP سى ئاران % 0.7 ئاشقان، ھالبۇكى 2026-يىلى 1-ئايدىكى PCE ھەم يادرولۇق PCE سانلىق مەلۇماتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 2.8 ۋە % 3.1 خاتىرىلەنگەن بولۇپ، يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ % 2 لىك سىياسەت نىشانىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. ھازىر، بۇ ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رىتىمىنى ساقلىشىغا سەۋەب بولماقتا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ قويۇۋەتكەن پۇل سىياسىتى سىگنالىنى كۆرۈش تەس.قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى باسقۇچلۇق چۈشمەكتە.
3.دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايلىق FOMC ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنى ئاچىدۇ. بازار زاتلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى «ھەم پۇل پاخاللىقىنى % 2 لىك ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان ئەتراپىدا ساقلىشى، ھەم تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.