ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟

ilkan_5 2026-03-13 18:04:22

\

1.ئالدىنقى كۈنىدىكى نېفىت باھاسىنڭ ئۆرلىشى داۋاملاشقان بولۇپ، برېنت خام نېفىتى بىر مەھەل% 10 كە يېقىن ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 100 دوللارنىڭ ئۈستىدە يېپىلغان، دوللار كۆرسەتكۈچى ئىككى ئايغا يېقىن يۇقىرى پەللىگە يىتىپ، ئىككى يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، قىممەتلىك مېتاللار بېسىمغا ئۇچراپ، ماي باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا يەنە بىر قېتىم بېسىم ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش ھالىتىنى ساقلىغان.
2.ئۇچۇر جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى گرېل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئامېرىكا جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مېكسىكا، ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 سودا ھەمراھىغا قارىتا 301 تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. ئالتۇننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى يۈزلىنىشى،خام نېفىت، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بەلگىلىك مەنپىي باغلىنىشلىقنى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى بىلەن مۇسبەت باغلىنىشلىقنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ئالتۇن بازىرىدىمۇ يۆتكىلىشچانلىققا بولغان ئەندىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتىنىڭ تەكرارلىنىشچانلىقى ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى، قىسقا مۇددەتلىك تاكتىكا رىتىمىنىڭ يەنىلا يۆنىلىشنى تاللاشتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.