ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىدى

ilkan_5 2026-03-13 17:10:11

\

3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى نيۇيوركنىڭ قەرەللىك ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 5100 دوللاردىن چۈشۈپ، بۇ ھەپتىلىك ۋەزىيەتتە ھەپتىلىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەش خاتىرلەنگەن. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ئامېرىكا دوللىرى خەۋپتىن ساقلىنىش ئورنى سەۋەبىدىن كۈچەيدى، بولۇپمۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئېنېرگىيەنى ساپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولغان ئامېرىكىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش يولىغا بولغان ئەندىشىسى كۈنسېرى كۈچەيدى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ قايتا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.