ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى ھالىتى

zumrat 2015-10-12 18:00:41

\

دۈشەنبە 10-ئاينىڭ12-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1150دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىدا ئايلاندى،ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئاجىزلاپ،ئالتۇن باھاسى ئوڭۇشلۇق ھالدا 1150دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن،ھەمدە1160دوللاردىنمۇ ئاشقان.ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى1159.80دوللارغا چىققان،ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 8-ئاينىڭ24-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن.
RJO Futuresيۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئانالىزچىسى Phil Streibleنىڭ قارىشىدا،نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تاۋار كۆرسەتكۈچنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ،بۇنداق بازار ھالىتى ئالتۇن بازىرىغىمۇ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ،مۆلچەردە ئالتۇن باھاسى200كۈنلۈك كۆچمە تەكشى سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 1178دوللار ئەتراپىغا كېلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.