جۇغراپىيەلىك ۋە قۇرۇلمىلىق ئېنىقسىزلىق ئالتۇننى تىرەك بىلەن تەمىنلدى

ilkan_5 2026-03-05 18:53:17

\


گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شىنەيدې قىممەت مېتاللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىقبالىغا قارىتا يەنىلا ئىجابىي قاراشتا بولغان. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەنى:مىستىن خام نېفىتقىچە بولغان كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ ھەممىسى كۈچەيدى، ھالبۇكى ماكرولۇق خەۋپ-خەتەر كۈنسېرى توپلاندى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:«بىز مىسلى كۆرۈلمىگەن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. جۇغراپىيەلىك سىياسىي، سودا جىددىي بولۇش ھەمدە ھەر خىل ئېنىقسىزلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بار. »مۇشۇنداق مۇھىتتا، ئالتۇن-كۆپ خىللاشقان سېلىنما بىرىكمىسى يەنىلا ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ، ئۆتكەن بىر يىلدا كۈچلۈك ئۆرلىگەندىن كېيىنمۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ سەۋرچان بولۇشى كېرەك.
-بۇ نۆۋەتلىك بازار ئەھۋالى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ھەم ناھايىتى ياخشى بولدى. لېكىن ھازىر چوقۇم قەدىمىمىزنى توختىتىپ، سىگنالنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشىمىز كېرەك،-دېدى ئۇ ئەسلەپ.
شىنەيدېنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىممەتلىك مېتاللار ھازىر تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، زايوم قاتارلىق مۈلۈكلەرنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك باش كۆتۈرۈشى ھەمدە ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتىنىڭ نېيترال ئورنى ئاچقۇچلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. گەرچە قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرەك ئامىللار يەنىلا مۇقىم بولغان.
مەبلەغ سالغۇچىلار ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش سىگنالى ۋە ماكرولۇق مەبلەغ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، كېيىنكى يوشۇرۇن پۇرسەتنى ئىگىلىشى كېرەك
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.