ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى ئالتۇنغا تېرەك بولدى

ilkan_5 2026-03-03 17:30:43

\

پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان مۆلچەرنى قايتا بەرپا قىلماقتا. چىكاگو تاۋار بېرژىسى Fed Watch قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە بولغان مۆلچەرى توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى % 57.4 تىن % 45.2 كە تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت زايومى بازىرىنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ بىۋاسىتە بولۇپ، ئىككى يىللىق دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 11.1 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ % 3.49 كە يېتىپ، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان؛ ئون يىللىق دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 8.6 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ % 4.048 كە يەتكەن.
ئالتۇن باھاسى لوگىكىسىدىن قارىغاندا، نامىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئەلۋەتتە بېسىم ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ كەتسە، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىنشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بەش يىللىق ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى قىممىتىنى ساقلاش زايومى پايدا-زىيىنىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش پايدا نىسبىتى % 2.487كە ئۆرلەپ، بازار مۆلچەرىدە كەلگۈسى بەش يىلدا يىللىق ئوتتۇرىچە پۇل پاخاللىقىنىڭ تەخمىنەن % 2.5 بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان. پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى نامىي ئۆسۈم نىسبىتىدىن تېز بولغان باسقۇچتا، ئالتۇن ساقلاش پۇرسەت تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەنلەيدۇ، بۇ، ئالتۇن باھاسىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.