ئالتۇن باھاسىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئېچىلدى

ilkan_5 2026-03-03 17:11:55

\

ئانالىزچى Rania Gule ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن:ئالتۇن باھاسىنىڭ 5300 دوللاردىن ئېشىشى يەر شارى خېيىم-خەتەر باھاسىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر جۇغراپىيەلىك جىددىي ۋەزىيەت تېز سۈرئەتتە پەسەيسە، خېيىم-خەتەر ئۈستىدىكى باھانى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە ئالتۇن باھاسىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ 5200 دوللاردىن تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ھەرقانداق تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ يېڭى سېتىۋالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. Gule مۇنداق دەپ قارىغان:پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت داۋاملاشسىلا، نېفىت باھاسى پۇل پاخاللىقىدىن ئەنسىرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق خەۋپتىن ساقلىنىش مەبلىغىنىڭ تىرىكىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۈچلۈك داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن ئالتۇن يەنىلا ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى ساقلىشى كېرەك، ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار. «بۇ ئېنىقسىز مۇھىتتا، ئالتۇن يەنىلا يەر شارىۋى بازاردىكى تەشۋىشنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئېنىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ»
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.