ئالتۇن باھاسى يۇقىرى پەللىدە داۋاملىق داۋالغۇپ تۇرماقتا

ilkan_5 2026-02-25 17:40:58

\

2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالدىنقى كۈندىكى بازاردا ، لوندۇن نەق مال ئالتۇنى تەۋرىنىپ سەل ئاجىزلاشقان، ئالتۇن زاكاز مېلى % 1.25 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5160.50 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرغان. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى قايتا ئۆرلەپ، تۆت ھەپتىلىك يۇقىرى پەللىگە يېقىنلاشقان، پەن-تېخنىكا پاي چېكى كۈچىيىپ، ئامېرىكا پاي چېكىنى جانلاندۇرغان بۇنىڭ بىلەن، ئالتۇن ۋە خام نېفىت باھاسى چۈشكەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، يادرولۇق قارالمىلار تاموژنا بېجى، كۆچمەنلەر، جۇغراپىيە ۋەزىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالتۇننىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
1.ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى% 10 تاموژنا بېجى سىياسىتى سەيشەنبە كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1974-يىللىق «ئامېرىكا سودا قانۇنى»نىڭ 122 ماددىسىنى ماقۇللاپ، دۆلەت مەجلىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، يەر شارىۋى% 10 ئىمپورت تاموژنا بېجى ئالغان ھەمدە، 150 كۈن چەك قويغان، باج نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ% 15 كە ئۆستۈرۈلگەن-ئۆستۈرۈلمىگەنلىكى بېكىتىلمىگەن، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئېنىقسىزلىق
ھەرىكىتى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. چاغان مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»غا ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كېسىم قىلغان، بۇ ھەرىكەت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا پايدىسىز بولغان،شۇڭا كېيىنكى مەزگىلدىكى تاموژنا بېجى سىياسىتى ھەم جۇغراپىيەلىك سىياسىي يۈزلىنىش بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، بولۇپمۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەقەلەر بىر مەھەل دەم ئېلىش مەزگىلىدە
ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالغان.
2.بايرامدىن كېيىن، ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 5000 دوللار ئەتراپىدا يۇقىرى پەللىدە كەڭ دائىرىدە داۋالغۇش شەكلىدە، ئالدىنقى مەزگىلدىكى زىيادە تېز ئېشىش نىسبىتىنى تەدرىجىي قوبۇل قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، شۇنداقلا كېيىنكى نۆۋەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنىڭ ئېنىق كاتالىزاتورىنى كۈتۈش كېرەك ئىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.