قەرەرلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-02-25 16:40:33

\

قەرەللىك پاختا باھاسى ئۆرلەپ كەتتى

2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى قىتئەلەر ئارا سودا ئورنى (ICE) نىڭ قەرەللىك پاختىسى ئۆرلەپ، تۈپ توختام % 0.64 يۇقىرى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى تېخنىكىلىق گىرافىك سىگنالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئۇچراپ، ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشىنى جەلپ قىلغان. پۈتۈشۈش ئەڭ جانلانغان 5-ئايلىق قەرەللىك پاختىنىڭ سودا ئارىلىقى 65.22 سىنىتتىن 66.30 سىنىتىقىچە بولغان. 5-ئايلىق پاختا قەرەللىك مېلى 9-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 كۈنلۈك يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشىنى جەلپ قىلىشقا پايدىلىق بولغان. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، قەرەللىك پاختا داۋاملىق تۆۋەنلەشنى خالىمىغان، بۇ بەلكىم پاختا باھاسىنىڭ ئاي بېشىدا ياراتقان توختامدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.