ئالتۇن كۈچلۈك ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ilkan_5 2026-02-24 17:41:59

\

:2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئالتۇن داۋاملىق داۋالغۇپ ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 527.9 دوللار بىلەن يېپىلىپ، ئۆرلەش نىسبىتى % 3.29 بولغان. دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن باھار بايرىمىغا توغرا كېلىپ، سودا ۋاقتىنچە توختىتىلغان. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، تاشقى بازاردىكى قىممەت مېتاللارنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
1.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىگە بولغان قايتىدىن باھا بېكىتىش ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 1 ـ ئايدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۈتۈلمىگەن كۈچلۈك بولۇشى بىلەن CPI سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەن پۇل پاخاللىقىنىڭ يېپىشقاقلىقى «ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى كېچىكتۈرۈش»، ھەتتا «ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش خىيالى»دىن ئىبارەت ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مايىللىقى بازارنى قاپلىغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 1 ـ ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنى خاتىرىسىدە ئېچىپ بېرىلگەن ئىچكى قىسىمدىكى روشەن ئىختىلاپقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىس نامزاتىنى كۆرسىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسەت يولى ھەققىدىكى قىياس قۇشۇلۇپ، نەق مال ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى5000 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاچقۇچلۇق پىسخىكىلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتكەن، كۈمۈشتە كۈچلۈك داۋالغۇش كۆرۈلگەن.
2.كېيىنكى يېرىم مەيداندا، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن بازار ئەھۋالى قايتا ئۆرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مۆلچەردىكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان 2025-يىلى 4-پەسىللىك GDP نىڭ دەسلەپكى قىممىتى (% 1.4) بىلەن ئاجىز بولغان PMI سانلىق مەلۇماتىدا، «پۇل پاخاللىقى»كۆزلىمىسى يەنە بىر قېتىم يېتىپ كەلدى دېيىلگەن. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»غا ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كېسىم قىلىشىغا بىرلەشتۈرگەندە، ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئالتۇن-كۈمۈش باھاسى دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا قولدىن كەتكەن يەرلەرنى كۈچلۈك ھالدا قايتۇرۇۋېلىشىغا تۈرتكە بولغان.
3.كېيىنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، «دوللارسىزلاشتۇرۇش»، «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى»يەنىلا بۇ يىلقى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە سىجىللىقى ئالتۇننىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاجىزلىشىشىنىڭ يادروسى بولۇپ قالغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.