2025-يىلى پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدى

ilkan_5 2026-02-17 12:02:00

\

خەۋەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2025-يىللىق پۈتۈن يىللىق «يەرشارىۋى ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج يۈزلىنىشىدوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى يەرشارىۋى ئالتۇنغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياج 5002 توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرىسەۋىيە يارىتىلغان. رېكورت يارىتىلغان 4-پەسىلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان 2025-يىلىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلىشىشى بولغان. سىجىلداۋاملاشقان جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق

ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن يىللىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج ئومۇمىيسوممىسىنى 555 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن. يەرشارىۋى ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى 2175 توننىغا يېتىپ، ئابىدىلىك سەۋىيەگەيېتىپ، 2025-يىلى ئالتۇنغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تارىخىي رېكورتنى يېڭىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچىكۈچكە ئايلانغان. پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا، خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە مۈلۈكنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مەبلەغسالغۇچىلار زور مىقداردا ئالتۇن ETF غا ئېقىپ كىرىپ، پۈتۈن يىلدا 801 توننا ساپ ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ئالتۇنغا مەبلەغسېلىش ئېھتىياجىمۇ كۈچلۈك بولغان، يەر شارىۋى زىخچە ئالتۇن ۋە تىللا ئېھتىياجى 1374 توننىغا يېتىپ، قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا154 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ۋە ھىندىستان بازىرىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقىئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 28 ۋە 17 ئاشقان، جەمئىي بۇ بۆلەك ئېھتىياجىنىڭ 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.