ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچلۈك بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار

ilkan_5 2026-02-17 11:02:00

\

خەۋەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق بازار ئانالىزچىسى Louise Street باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن:2025-يىلى بولسا يەر شارى ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىگە گۇۋاھ بولدى. سىجىل بولغان ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلاندى، ئىستېمالچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن سېتىۋالدى ۋە قولىدا تۇتۇپ تۇردى. ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى پۈتۈن يىللىق قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مەبلەغ سالغۇچىلار ھەر خىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان يوللار ئارقىلىق ئالتۇننى بەس-بەستە تەقسىملىدى، باشقا تارماق ساھەلەرمۇ يەر شارى ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىدا تىرەكلىك رول ئوينىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 67 ئۆرلىدى، لېكىن ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج پەقەت% 18 تۆۋەنلىدى. بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى ئالتۇن باھاسى مۇھىتىدا يەنىلا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارىۋى مەركىزىي بانكىلارمۇ ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. 2026-يىلىغا نەزەر سالساق، ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىقتە ئاساسەن پەسىيىش ئالامىتى كۆرۈلمىدى، 2025-يىلى ئالتۇنغا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياج ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار. بۇ يىل كىرىشى بىلەن، ئالتۇن باھاسى تۇنجى ئايدىلا تۇنجى قېتىم ھەر ئۇنسىيەسى 5000 ئامېرىكا دوللىرىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئېنىقسىز مەزگىلدە ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.