ئالتۇن باھاسى كىچىك نىسبەتتە تۆۋنلىدى

ilkan_5 2026-02-16 15:02:00

\

ئالتۇن باھاسى كىچىك نىسبەتتە تۆۋنلىدى

دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا ۋاقتىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى% 0.3 تۆۋەنلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5025 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر سودا كۈنىدە، ئالتۇننىڭ باھاسى تەخمىنەن% 2.4 ئۆرلەپ، 5000 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرىغا قايتىپ كەلگەن.

قىسقا مۇددەتلىك تەڭشەش ئاساسلىقى تېخنىكىلىق ئامبار ئورنىنى تەڭشەش ۋە ئۆسۈش تەرەپتىن پايدا ئېلىپ ئاخىرلاشتۇرۇشتىن كەلگەن ئاساسىي جەھەتتە روشەن ئاجىزلىشىش سىگنالى كۆرۈلمىگەن.

بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ھەم ئۇنىڭ پۇل سىياسىتى يولىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ . ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئايدىكى ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.2 ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ، بازار ئىلگىرى ئەندىشە قىلغان تېخىمۇ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولۇپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تېزلىشىش بېسىمىنى يېنىكلەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.