2025-يىلى جۇڭگونىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىدا تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

ilkan_5 2026-02-16 11:02:00

\

ئىگىللىنشىچە، دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى 2025-يىللىق 4-پەسىللىك ھەم پۈتۈن يىللىق جۇڭگو ئالتۇن بازىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا نەزەردوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ. 4-پەسىلدە، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى ئومۇمىي مىقدارى 274 توننىغا يېتىپ، يىللىق ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن زور دەرىجىدە 60 ئاشقان، بۇ يەنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، زىخچە ئالتۇن، تىللا، ئالتۇن ETF ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە،ئىلگىرىكى يىللاردىكى 4-پەسىلدىكى ئىككىنچى يارقىن ئىپادىسى يارىتىلىپ، 2016-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن قالسىلا 2-ئورۇنداتۇرغان. 2025-يىلى پۈتۈن يىللىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج ئومۇمىي مىقدارى 1003 توننىغا يېتىپ، يىللىق ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 ئېشىپ، 2021-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. سوممىسى بويىچە ھېسابلىغاندا،پۈتۈن يىللىق ئېھتىياجدا تارىختىكى ئەڭيۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئومۇمىي سوممىسى 796 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى (تەخمىنەن 111 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ،بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 53 ئاشقان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئىچىدىكى كۈچلۈك ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشئېھتىياجى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بۆلىكىنىڭ ئاجىزلىشىش ۋەزىيىتىنى تۈگەتكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.