ئالتۇن باھاسى 5000دوللارلىق ئۆتكەلنى ساقلاپ قالالمىدى

ilkan_5 2026-02-13 16:39:09

\

پەيشەنبە كۈنى يەنى ( 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ) نەق مال ئالتۇن % 3 تىن ئېشىپ غايەت زور مەنپىي سىزىق بىلەن ، ئەمدىلا مۇقىم بولغىنىغا ئۇزاق بولمىغان 5000 دوللارلىق پۈتۈن سان ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. نيۇ يورك سودا بازىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 4920 دوللارغا كېلىپ ، كۈنلۈك ئىچىدىكى چۈشۈش نىسبىتى % 3.2 بولغان . ھەمدە كۈندۈزى بىر مەھەل % 4 تىن ئارتۇق چۈشۈپ ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 4878 دوللارغا چۈشۈپ ، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان . كۈمۈش تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ ، بىر كۈندە % 10 چۈشۈپ ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئۆرلەش نىسبىتىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارغان .
بۇ ئىشلار قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەممە ئىش بەك تېز يۈز بەرگەن بولغاچقا ، تېزلىكىدىن ھەتتا نوپۇزلۇق سودىگەرلەرمۇ تەمتىرەپ قالغان، تېز سۈرئەتتە بازار تەھلىلچىلىرى ئۇدۇللا قىلىپ « كاللىمىزدىن ئۆتكۈزەلمىدۇق » دېگەن . لېكىن بۇ قىلچە شەپىسىز تاسادىپىيلىق ئەمەس ، بەلكى بىر مەيدان ئاساسىي تەرەپ ، تېخنىكا ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى كۆپ خىل رېزونانس كەلتۈرۈپ چىقارغان سىستېمىلىق چۈشۈش ھېسابلىنىدىكەن .
جۈمە كۈنى ( 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ قايتا ئۆرلەپ ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4940 دوللار بولۇپ ، ئۆرلەش نىسبىتى تەخمىنەن % 0.4 بولغان ، بۇ سودا كۈنىدىكى بازارنىڭ نەزەرى ئامېرىكىنىڭ CPI سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشكەن .
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.