ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ، ئېلاستىكلىقى نامايان بولدى

ilkan_5 2026-02-06 16:40:35

\

2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا ۋاقتىدا ئالتۇننىڭ باھاسى بىر مەھەل 4680 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. لېكىن بازار كەيپىياتىنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش سېتىۋېلىشنى قايتىدىن جەلپ قىلىپ، نەق مال ئالتۇن 4830 دوللاردىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چۈشۈشنى كىشىلەر ئامبارنى ئازايتىش ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىدىكى زىياننى تولۇقلىشى ھەم نەق پۇلنى تەڭشىشى دەپ قارالغان، چىكاگو تاۋار سودا بازىرى گۇرۇھىمۇ ئەتىگەندە ئالتۇن ۋە كۈمۈش زاكاز مال توختامىنىڭ دەسلەپكى كاپالەت پۇلى تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈپ، سودىگەرلەرنىڭ نەق پۇل ئېچىش ۋە ساقلاپ قېلىشىدا چوقۇم تاپشۇرىدىغان رەنە بۇيۇم سوممىسىنى كۆپەيتىدىكەن.پەن-تېخنىكا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشى بىر قىسىم سودىگەرلەرنى ئالتۇن نەق پۇلىنى سېتىپ كاپالەت پۇلى تەلىپىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلدىكەن، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىغا تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمى پەيدا قىلدىكەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئامېرىكا دوللىرى يەنىلا قىسقا مۇددەتلىك يۈزلىنىشنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىندىكەن، قىممەتلىك مېتاللار ئادەتتە ئۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە داۋالغۇپ تۇرغان بولۇپ. گوللاندىيە خەلقئارا بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:قىسقا مۇددەت ئىچىدە، بازار يەنىلا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئامبار ئورنىنى تەڭشەشنى ھەزىم قىلىۋاتقاچقا، داۋالغۇش نىسبىتى يۇقىرى پەللىدە ساقلىنىشى مۇمكىن. ماكرولۇق ئاساسىي تەرەپتە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئەمەس، بەلكى تۈزىتىش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.