ئانالىزچىلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالتۇن باھاسىنى 5600 دوللارغا چىقىدۇ دەپ قارىدى

ilkan_5 2026-02-04 16:10:32

\

2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، چارشەنبە، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل% 2.7 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5071.79 دوللارغا يەتكەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى يەنە بىر قېتىم كۆرۈلگەن جۇغراپىيەلىك جىددىي ۋەزىيەت ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدە 2008-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر كۈنلۈك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان. چۈنكى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قەستەن ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇغراپىيەلىك جىددىي ۋەزىيەت ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.
يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئانالىزچىسى Jigar Trivedi مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يېقىنقى مەزگىلدە 5100 دوللارغا يېتىشى مۇمكىن. ..بىز ئالدىنقى يېرىم يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ 5600 دوللارلىق سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، بىزنىڭ يىل ئاخىرىدىكى نىشانىمىز ھەر ئۇنسىيەسى 6000 دوللار بولۇش».
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.