ئالتۇن باھاسى تېخى پۈتۈنلەي تەتۈر يۆنىلىشكە يۈزلەنمىدى

ilkan_5 2026-02-03 17:57:04

\

گەرچە باھا يۈزلىنىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرسىمۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ۋە ئاساسىي تەرەپكە چوڭقۇرلاشقاندا، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى بايقىغىلى بولىدۇ، يەنى:
باھا ئىپادىسىنىڭ ئۆزىدىن قارىغاندا، شىددەت بىلەن چۈشۈش گەرچە كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن روشەن تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىككە ئىگە. نەق مال ئالتۇن دۈشەنبە كۈنى شىددەت بىلەن چۈشكەندىن كېيىن، سەيشەنبە (2-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا ۋاقتىدا، تېز سۈرئەتتە % 2 تىن كۆپرەك ئۆرلەپ، بىر مەھەل 4770 دوللارنىڭ ئۈستىگە قايتىپ، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشنىڭ كۈچلۈك تىرىكىنى نامايان قىلغان. بۇ خىل جىددىي چۈشۈپ، جىددىي ئۆرلەش ھالىتى كۆپ ھاللاردا يېتەكچى كۈچنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش لوگىكىسىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشى بولماستىن، بەلكى قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش لوگىكىسىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئاپپاراتلاردىن كەلگەن كۆز قاراش ئۈمىدسىزلىنىشكە يۈزلەنمىگەن يەنى: . گېرمانىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى ئېنىق قىلىپ:«ھازىرقى مۇھىتتا ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق تەتۈر ئايلىنىش شەرتى تېخى شەكىللەنمىدى»دېگەن ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «ئۆرلەش بوشلۇقىغا يەنىلا يۈكسەك ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقى»نى كۆرسەتكەن. فىرانسىيە پارىژ بانكىسى يىل ئاخىرىدىكى ئالتۇن باھاسى مۆلچەرىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 6000 دوللارغا يېتىشىنى «تۆۋەن مۆلچەر»دەپ قارىغان. بۇ كۆز قاراشلارنىڭ يادروسى شۇكى،بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن بازىرى ئۆسۈش بازىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى − يەر شارىۋى جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىق، قانۇنلۇق پۇلنىڭ ئىناۋىتىگە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئەندىشە، مەركىزىي بانكىنىڭ سىجىل ئالتۇن سېتىۋېلىشى ھەمدە يوشۇرۇن يەر شارىۋى ماكرولۇق ئىقتىساد خەۋپ-خەتىرى − بىردەك تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش يۈزبەرمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:بۇ قېتىمقى باھانىڭ جىددىي چۈشۈپ كېتىشى، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە كىرگەن، پىشاڭى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان نۇرغۇن ۋاستىچى سودىگەرلەرنى بازاردىن «قىسىپ چىقاردى».بۇ ئەمەلىيەتتە بازارنىڭ «شاۋقۇننى پەسەيتىشى»گە پايدىلىق
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.