ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش نىبسىتى كىچىكلىدى

ilkan_5 2026-02-03 16:39:40

\

2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالتۇن باھاسى ئاۋۋال چۈشۈپ، ئاندىن ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4680.9 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى % 1.35 بولغان. دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن بازىرى يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ تۆۋەنلەپ، ھەر گرامى 1045.0 يۈەن بىلەن يېپىلىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى % 3.86 بولغان.

1.ئامېرىكىنىڭ 1-ئايدىكى ISM ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچى 52.6 گە ئۆرلەپ، مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتقان، بۇ، مۆلچەردىكى 48.5 تىن خېلىلا يۇقىرى بولغان، ئاساسلىقى يېڭى زاكاز ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچىمۇ ياخشىلىنىپ، بازارنىڭ ئىقتىسادقا بولغان ئەندىشىسىنى پەسەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىشى ئاچقۇچلۇق سانلىق مەلۇماتنى يەنە بىر قېتىم «كېچىكتۈرگەن»، سەيشەنبە كۈنى 12-ئايدىكى خىزمەت ئورنىنىڭ بوش قالغانلىق دوكلاتى ۋە جۈمە كۈنىدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ ۋاقتى ئۆزگەرتىلىپ ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ، بۇلتۇر كۈزدە رېكورت يارىتىلغان 43 كۈنلۈك ھۆكۈمەت ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچلۇق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنىڭ يەنە بىر قېتىم پۇل ئاجرىتىش ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىدىن كېچىكىشى ھېسابلىنىدىكەن.بۇلتۇر 9-ئايدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنىشقا ئۇزارتىلغان، 10-ئاي ۋە 11-ئايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى شۇ چاغدا بىرلەشتۈرۈلۈپ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بىراقلا ئېلان قىلىنىشقا ئۇزارتىلغان. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق تېخنىكىلىق تەڭشىلىدىكەن.

2.جۇغراپىيەلىك جەھەتتە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى دۆلەت سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ ئىككى تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بىراق، جىددىيىككە تولغان ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، قىممەتلىك مېتاللارغا تىرەك بولىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقداردا بۇرۇلۇش بولمىغان، ئۇزاق مۇددەتلىك قوزغىتىش لوگىكىسى يەنىلا مۇكەممەل، بۇ نۆۋەتلىك قاتتىق تەڭشەشتىن كېيىن، ئالتۇن تەكشى داۋالغۇش باسقۇچىغا پېتىپ قېلىشى،داۋاملىق ئۆرلەپ يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە جەڭ ئېلان قىلىش ياكى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.