ئالتۇن باھاسىنى ئۆرلەتكەن ئۈچ چوڭ ئامىل

ilkan_5 2025-12-29 17:44:22

\

كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە ئۆرلەۋاتقان ئالتۇن باھاسىغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئامل سەۋەب بولغان يەنى :بۇلار ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىششى ۋە شۇنداقلا تېخى ئايىقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان جۇغراپىيلىك جىددى ۋەزىيەت

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى كۆزلىمىسى قىممەتلىك مېتاللار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2026-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىدىكەن، بىرىنچى قېتىم يىل ئوتتۇرىسىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەپتىلىك سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان قىممەتلىك مېتاللارنىڭ چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. ئامېرىكا زايوم بازىرى جەھەتتە، 10 يىللىق ھۆكۈمەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى بايرىمىدىن كېيىن% 4.121 كە چۈشۈپ، ئىككى يىللىق ھۆكۈمەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى% 3.479 كە چۈشۈپ، بازارنىڭ تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىغا بولغان كۆزلىمىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى نامايان قىلغان. Comerica Wealth Management نىڭ باش مەبلەغ سېلىش ئەمەلدارى Eric Teal ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈۋېتىشى ھەمدە دوللارنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسىنى يەنىمۇ تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.