ئالتۇن باھاسى 3ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

ilkan_5 2025-11-12 15:56:07

\

چارشەنبە كۈنى يەنى(11-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا مەزگىلىدە، نەق مال ئالتۇن داۋالغۇش ئىچىدە ئازراق ئۆرلىگەن، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4135 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنىپ، ئالدىنقى بىر نەچچە سودا كۈنىدىكى ئېشىش نىسبىتى ساقلاپ قالغان. ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى % 0.27 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4126.62 دوللار بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان، كۈندۈزى بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4148.91 دوللارغا يېتىپ، 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىتىشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاچقا، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆسۈم ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرى ئۆسۈم ئۆزگەرتمەسلىككە ئايلىنىشىنىڭ ئېنىق سىگنالى ئالتۇن بازىرىنى قايتا جانلاندۇرغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.