ئالتۇننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشى تەۋرەنمىدى

ilkan_5 2025-11-04 17:39:46

\

ئالتۇننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك لوگىكىسى گەرچە تەۋرەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ خىل پايدىسىز ئامىللارنىڭ ئۈستىلىنىشىگە دۇچ كەلگەن. ئالدى بىلەن، جۇڭگو يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستېمال بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى شەنبە كۈنى بىر قىسىم پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تۇيۇقسىز ئاخىرلاشتۇرۇپ، تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنىغا بىۋاسىتە زەربە بەردى، بۇ، ئەمەلىي بۇيۇمغا بولغان ئېھتىياجنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىككىنچىدىن، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئۆزگەرمىگەن، ياۋرونڭ دوللارغا بولغان پېرۋوت نىسبىتى بىر مەھەل 1.1505 كە چۈشۈپ، 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز ھالىتىنى نامايەن قىلغان. دوللارنىڭ شىۋېيتسارىيە فرانكىغا، يېنغا قارشى ھەممىسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، پايدا پەرقىنىڭ تۈرتكىسىدە دوللاردا قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى كۆرۈلمىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.