ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەتلىك بېسىمغا ئۇچرىدى

ilkan_5 2025-11-04 16:05:16

\

دۈشەنبە كۈنى يەنى(11-ئاينىڭ 3-كۈنى)، نەق مال ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 4000 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3963 ئامېرىكا دوللىرىغا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4030 ئۆتكەلگە يېتىپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 4001.16 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. گەرچە بۇ يىل ئالتۇننىڭ باھاسى جەمئىي % 53 ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدىن % 8 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ، بازار تىپىك «يۇقىرى پەللىدە دەم ئېلىش»باسقۇچىغا كىرگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت ئىستىقبالىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى سانلىق مەلۇمات ۋاكۇئۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جۇڭگو ئالتۇندىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېنىقسىزلىقنىڭ كۈچى بىرلىشىپ ئالتۇن باھاسىغا قارىتا قورشاپ يوقىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.