5-ئىيۇلدىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_5 2024-07-05 16:54:16

\


5.1-ئىيۇلدىن-6-ئىيۇلغىچە، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالى، شەنشىنىڭ جەنۇبى، خېنەن، شەندۇڭ، خېبېينىڭ شەرقىي جەنۇبى، جياڭسۇ-ئەنخۇينىڭ شىمالى، لياۋنىڭنىڭ شەرقى، جىلىننىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى ھەمدە يۈننەننىڭ غەربىي شىمالى، شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ ھەمدە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
2. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8 دىن 6-كۈنى سائەت 8 گىچە، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، شەنشىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى، خۇبېينىڭ غەربىي شىمال قىسمى، خېنەننىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، خېبېينىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى، شەندۇڭ، جياڭسۇ-ئەنخۇينىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ غەربىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمى، خېنەننىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ ( 200 ~ 100 مىللىمېتىر ).
يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ( ئەڭ ئۇزۇن مەزگىلىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى 60 ~ 30 مىللىمېتىرگە يېتىدۇ، قىسمەن جايلاردا 80 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ)، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
3. كەلگۈسى ئۈچ كۈن «بېرېل» نىڭ تەسىرىدە دومىنىكا، ھايتى، يامايكا، كايمان تاقىم ئاراللىرى، كۇبانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، بېلىز، مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قارا يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھايتىنىڭ غەربىي قىسمى، يامايكا، بېلىز، مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىقى رايونلاردا 9-10 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ؛ يامايكا ۋە كايمان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردا يەنە بورانلىق تاشقىن كۆرۈلىدۇ، قىسمەن رايونلاردا كەلكۈننىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.
4. كەلگۈسى ئۈچ كۈن ھىندىستان مۇسسۇن ئوقۇرى ئالدى غەربىي جەنۇب شامىلىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تەسىرىدە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمى، پاكىستان، بېنگالنىڭ شىمالىي قىسمى، بىرمىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كولومبىيە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ.
5.كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسمى، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى ۋە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 38 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن رايونلاردا سوتكىلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 41 سېلسىيە گىرادۇستىن 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، بور يېرىم ئارىلى ۋە ئىراننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا 47 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.