سىزنىڭ سودىدا زىيان تارتىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەش يامان نىيەت

ilkan_3 2023-11-20 18:39:33

\

مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بازار ئەمەس، تېز ئۆزگىرىدىغان بازار يۈزلىنىشىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز. شۇڭا بۈگۈن مەن ئۆزەمنىڭ سودا تەجرىبىلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ، سودا مۇساپىمىزدىكى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان بەش چوڭ يامان نىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛

بىرىنچى: ئاچكۆزلۈك

نەپسانىيەتچىلىك سودىدىكى ئەڭ چوڭ نىيەت، ئاچكۆزلۈك تېگى يوق ھاڭ؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى:سودىدىكى% 90 پىسخىكا مەسىلىسى ئاچكۆزلۈكتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىسى قايسى؟

بازار ئەھۋالىنى قولدىن بېرىپ قويمايمەن دەپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدا سېتىۋېلىپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا سېتىپ چىقىرىمەن دەپ جاھىللىق قىلىش دەل ئاچكۆزلۈك. ھەر قانداق تۈرنىڭ بازار ئەھۋالىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىماسلىق ئاچكۆزلۈك. مۇكەممەل سودا سىستېمىسىغا ئىنتىلىش، ئاچكۆزلۈك. ھەتتا زىياننى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقمۇ ئاچكۆزلۈك. كۆپ پايدا ئالىدىغان، مال ساقلاپ سودا قىلىشنى قوغلىشىش تېخىمۇ ئاچكۆزلۈك. گۆدەكلەرچە پەرەز ياكى باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوغلىشىش، ئاچكۆزلۈك ئىچىدىكى ئاچكۆزلۈك. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.

ئىككىنچى: ۋەھىمە

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سودىدىكى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ناچار بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ۋەھىمە. سودىدا قورقۇشنىڭ ئىپادىسى قايسى؟

بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاچقا، ئىسكىلات ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، زىيان تارتىشتىن قورقۇش دېگەندەك؛ سودا پىلانى ناھايىتى ئېنىق تۈزۈلگەن بولۇپ، كىرگۈزۈش-چىقىرىشنىڭمۇ روشەن قائىدىسى بار، ئىسكىلات ئورنىمۇ مۇۋاپىق نىسبەتتە بولىدۇ، ئىسكىلات ئېچىش شەرتىگە يەتكەندە، ئىسكىلات ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بىسىشقا قول سالالماي، ساقلاپ باقاي دەپ قولدىن بېرىپ قويۇش. توغرا پۇل بىلەن پايدا ئالغاندا ئامبارنى ساقلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىق؛ بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، پايدىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامبارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ زىياننى توختاتماسلىق، بۇمۇ قورقۇنچنىڭ ئىپادىسى. زىيان تارتسا پايدا ئالالماسلىقتىن قورقۇش. ئامبار ئورنى بارغانسېرى كىچىكلەپ، تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا ئەڭ ئاخىرىدا 0.01 قول ئېچىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىككىلىنىپ قىلىش.

ئۈچىنچى: يىراقنى كۆرەلمەسلىك

مەبلەغ سالغۇچىلاردا چوقۇم ئۆزگە خاس سودا ئۇسۇلۇبى بولۇشى كېرەك؛ يەنى ، تۆۋەن نۇقتىدا تۇرۇپ سودىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سودا خۇددى بىر سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدۇ، بىز پەقەت ئېگىزدە تۇرۇپ بۇ سىرلىق ئوردىغا نەزەر سالساقلا، ئاندىن توغرا چىقىش يولىنى تاپالايمىز، ھەرگىزمۇ سىرلىق ئوردىغا يالغۇز كىرسەك بولمايدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئىپادىسى قايسىلار؟

بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسى ئەمدىلا پايدا ئېلىشقا باشلىدى، سىزنىڭچە بۇ بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسى بەك قالتىس ئىكەن؛ زىيان كۆرۈلگەن ھامان، دەرھال ۋاز كېچىشنى ياكى سودا سىستېمىسىنىڭ تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايسىز. ئەمما، پايدا بىلەن زىياننىڭ مەنبەسى ئوخشىمايدۇ، سودا سىستېمىسىدا چوقۇم ماسلاشقان بازار ئەھۋالى ۋە ماسلاشمىغان بازار ئەھۋالى بولىدۇ، چۈنكى قىسقا مەزگىللىك سودىدىكى پايدا بىلەن زىيان بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسىنى ئىنكار قىلىدۇ، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئىپادىسى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسى بىر مەزگىل ئىچىدە پۇل تاپتى، بۇ بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسىنىڭ ئىزچىل پايدىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، پەقەت بازار ئەھۋالىنىڭ ماسلىشىشى خالاس؛ چۈنكى بىر مەھەل پايدا ئېلىش بۇ بىر يۈرۈش سودا سىستېمىسىنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتكەنلىك، شۇنداقلا بىر خىل يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.

تۆتىنچى : غەزەپلىنىش

غەزەپنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاسان چۈشىنىدۇ، غەزەپتىن ئىبارەت بۇ خىل كەيپىيات سودا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ناھايىتى چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. غەزەپلەنگەن كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە، ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى نورمال% 30 بولىدۇ، بىزنىڭ سودا نەتىجىسى ئېھتىماللىقىغا بولغان ھۆكۈمىمىز ۋە خەۋپ-خەتەرگە بولغان تونۇشىمىزدا ئىنتايىن چوڭ ئېغىش كۆرۈلىدۇ. غەزەپنىڭ كونكرېت ئىپادىسى شۇكى، زىيان تارتقاندىن كېيىن كۆپ قېتىم سودا قىلىش، ئېغىر ئامبار سودىسى قىلىش، پايدا ئېلىشتىن ئىلگىرىكى زىياننى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىش، نەتىجىدە ئېغىر ئامبار سودىسىدا پايدىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرگىلى بولماي، بازار ئەھۋالى كۆزلىگەن بويىچە كېتىپ قېلىش،زىياننى توختىتىشقا كۆزى قىيماي، ئامبار توشۇپ كېتىپ، پىرسەنىت تۆۋەنلەپ ھېسابات سېتىلىپ كىتىدۇ؛

بەشىنچى : ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش

بىزنىڭ سودا بازىرىمىزنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى يۈزلىنىش بولۇپ، كەلگۈسىنى ئىنسانلار مۆلچەرلەشكە ئامالسىز. بىر دىئاگرامما بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودا خادىمى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا يۆنىلىشنى ھۆكۈم قىلغۇزىدۇ، يەنە پەقەت بىر قېتىملىق نەتىجە بىلەن؛ بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودا خادىمى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىغاندا توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشى ناتايىن. بۇ بازار يۈزلىنىشىنىڭ تاساددىپىيلىقىغا باغلىق، ھەرقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسلە، بەزىلەر بىر مەزگىل ئىچىدە ھامان بازار ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەيدۇ ھەمدە يامان ئەمەس پايدىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا باشلايدۇ. سودىنى ئەمدىلا باشلىغان بەزى يېڭى خادىملارغا ئوخشاش، ئۇلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىر نەچچە قېتىم پايدا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سودا ئىقتىدارىغا زور ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا باشلايدۇ؛

مانا بۇ بىزنىڭ ئاتالمىش «يېڭى قول تەلىيىمىز»، تەلەيگە تايىنىپ تاپقان پۇلمۇ تەلەيگە تايىنىپ زىيان تارتىدۇ، مانا بۇ دەل مۇشۇ قائىدە. يۇقىرىقىلار سودىدا زىيان تارتىدىغان بەش يامان نىيەت: ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئوخشاش كەچۈرمىشى بار، ئەگەر سىزمۇ بۇ يامان نىيەت تەرىپىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

نەق مال ئالتۇن-كۈمۈش سودىسى دېگىنىمىز ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ سالغان مەبلىغىڭىزنى چوڭايتىپ بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا، دېمەك سىز ئاز مەبلەغ بىلەنلا بۇ سودىنى قىلالايسىز، يەنى سىز پەقەت 7000 كوي بىلەنلا 3 كىلوگىرام ئالتۇننىڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ قۇشۇمچە قىممەت يارىتالايسىز.

مەبلەغ 100ھەسسىلىنىدىغان بولغاچقا،1000 دوللار مەبلەغ سېلىپ 100 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇن سودىسى قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايسىز.

شىركىتىمىز يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تەقلىدى ھېساباتنى يولغا قويغان بولۇپ، تەقلىدى ھېساباتتا بىر نەچچە كۈن سودا قىلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولدۇ؛ سودىنى چۈشىنىپ، سودا قىلىشنى ئۈگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي سودا قىلىشنى ئويلاشسىڭىزمۇ بولدۇ؛ بۇ جەرياندا مەن قانداق سودا قىلىشنى ئۈگىتىپ يىتەكلەيمەن، ئۈگىتىش، يىتەكلەش پۈتۈنلەي ھەقسىز بولدۇ؛

سودىغا قىزىقسىڭىز ياكى مەسلىھەت سورماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ ئالاقىلشىڭ؛

\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.