ئامېرىكا دوللىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئالتۇن زەربىگە ئۇچرىدى

parida 2019-04-24 12:19:34

\

كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۈرتكىسىدە، سەيشەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا دوللىرى شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بىر مەزگىل 1270ئامېرىكا دوللارلىق مۇھىم تېرەكلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان. چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بولسا، ئالتۇن باھاسى سەل-پەل ئۆسۈپ بۇ ھالقىلىق ئۆتكەلنىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرغان بولسىمۇ، بىراق تۆۋەنلەش بېسمىنىڭ تەسىرى يەنىلا ناھايىتى چوڭ بولغان. چارشەنبە كۈندىكى ئەڭ چوڭ خەتەر بولسا بيجىڭ ۋاقتى كەچتە ئېلان قىلىدىغان كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارى بولۇپ، مۆلچەرلىشنىچە بۇ خەۋەر بازاردا يەنە بىر قېتىملىق داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سەيشەنبە كۈندىكى پۈتۈن كۈنلۈك سىزىقى ئومۇمى جەھەتتىن ئۆسۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ICEئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى نيۇرك ۋاقىت بۆلىكىدە بازاردىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 79.97بىلەن ئۇچراشقان، ھەمدە 2017-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا رېكورتىنى ياراتقان، چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ICE ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى 65.97ئامېرىكا دوللارلىق سەۋىيەدە ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان.

بىلۇمبېرگنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى سەيشەنبە كۈنى% 4.0 ئۆرلىگەن بولۇپ، بازاردا بىر مەھەل 3-ئاينىڭ 8-كۈندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن بولۇپ، كۈنلۈك ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۆي سېتىش ئۇچۇرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسى بازاردا ئەندىشە پەيدا قىلىشى قاتارلىق ئامىللار ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى جانلاندۇرۋەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.