ئالتۇن باھاسى نېمشقا تۇيۇقسىز تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى؟

parida 2019-04-18 13:30:52

\


پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى ئالتۇن باھاسى بىردىنلا بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلەپ، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە 1272.77 دوللارغا چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %1 دىن ئېشىپ كەتكەن.

ئالدىنقى سودا كۈنى ئامېرىكا دوللىرى ئاز نىسبەتتە يۇقىرىلاپ 97 نۇقتىدىن ئۆرلىدى. تاشقى پېرېۋوت بازىرى نىسبەتەن جىمجىت بولغان ئەھۋالدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تۇيۇقسىز بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللارلىق تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمىغا ئۇچراپ، 1288.60ئامېرىكا دوللاردىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ، بازارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە دىققىتىنى تارتقان.

ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن تۇيۇقىسىز تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ؟ بۇنىڭدا ئاساسىي ئامىللاردىن باشقا يەنە تېخنىكىلىق ئامىللارمۇ بار. ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىگە نىسبەتەن ئانالىزچىلار ئاساسلىق مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئېلان قىلغان كۈچلۈك سانلىق مەلۇماتلاردىن خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلىتىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان.

نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە بىلوگى Zerohedge نىڭ ئانالىزچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 11 مىڭ پارچە قەرەللىك مال توختامىنى بىكار قىلغانلىقىدىن بولغان. يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى تۇنجى قېتىم 100 كۈنلۈك سىزىقتىن تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تېخنىكىلىك تۆكمە قىلىپ سېتىشمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.