ئالتۇن باھاسى بۈگۈن كەچتە سىناققا ئۇچرايدۇ

zumrat 2019-01-30 17:37:59

\

چارشەنبە 1-ئاينىڭ30-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1313.50دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئەڭ يۇقىرى 1315دوللار ئەتراپىغا چىقىپ ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتى. يېقىنقى ۋاقىتتا ئالتۇن يۆنىلىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇدا 3سودا كۈنىدە مۇسبەت سىزىق ھالىتىدە بازار يېپىلدى، ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىدىكى سەۋەبى دوللارنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىشى، ھەمدە جۇڭگو ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنى قايتا قوزغىتىشى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بازىرىدا ئېھتىياتچان بولۇش كەيپىياتى ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق ئامىللار. بۈگۈنكى سودا كۈنىدە داۋاملىق جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سۆھبىتى مۇھىم دىققەت نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سۆھبەتتە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلار چىقسا ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بىراق يەنىلا مۇھىم بولغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە1-ئاينىڭ31-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ يېڭى ئۆسۈم قارار، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى بائۇئېر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.

ئەگەر بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشنى ۋە ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى داۋاملاشتۇرۇش توغۇرسىدا بايانات قىلسا، دولالرنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر گېرمانىيە CPIمەلۇماتى ۋە ياۋرو رايونى CPIقىممىتى مۆلچەردىن ياخشى چىقسا ياۋرو داۋاملىق كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.