ئالتۇن باھاسى 1300ئۆتكەلدىن بۆسۈش ھاسىل قىلالامدۇ؟

ilkan_atigul 2019-01-15 18:25:41

\

سەيشەنبە ( 1-ئاينىڭ15-كۈنى ) ياۋروپا بازىرىدا، خەلقئارا نەق مال ئالتۇن 1290دوللار ئەتراپىدىن ئازراق چۈشۈپ، ھازىر باھا 1289.98دوللار ئەتراپىدا. نۆۋەتتە نەق مال ئالتۇن 10 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتا 1288.80ئۈستىدىكى باھالارنى چىڭ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا 1300 پۈتۈن سانلار ئۆتكىلىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، داۋاملىق 1276.10-1300ئارىلىقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئەھۋالىغا مۇھتاج؛

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توختىتىپ قويۇلغانلىقىنىڭ داۋاملىشىشى، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا كېلىشىمىنىڭ ئېنىقسىزلىقى، گرېتسىيە سىياسى ۋەزىيىتىدىمۇ داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئۆستۈرۈۋەتتى، بازارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ئازراق بىسىم بولدى، ئالتۇن باھاسىنىڭ 10كۈنلۈك تەكشى سىزىقتىكى تىرەشنى چىڭ ساقلاپ قىلىشىغا ياردىمى بولدى، بىراق ، جۇڭگونىڭ باجنى كېمەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسىيا پاي بازىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش بولدى، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى سەل ئاجىزلاپ، ئالتۇن باھاسى يەنە 1300 پۈتۈن سان ئۆتكىلىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى؛ ئومۇمەن، ھازىرقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنداقتا زادى قانداق قىلغاندا ئالتۇن باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆرلەتكىلى بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئالتۇن بازار ئەھۋالىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ 2019-يىلدىكى بازار ئىچىلىش ۋاقتىدىكى ئىپادىسى ياخشى، « داۋالغۇش پاي چېكى بازىرى ۋە ئاساس جەدۋەلدىكى ئۆسۈشكە كىرىش تىرەش تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ يىل تۇنجى سودا كۈنىدە ئالتۇن سودىسى ئالتە ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يىقىنلاشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.