بۈگۈن كەچتىكىFOMCزاپاس پۇل كومىتېتى خاتىرىسى كۈچلۈك تەۋرىنىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن

ilkan_atigul 2019-01-09 18:43:54

\

چارشەنبە ( 1-ئاينىڭ9-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا، خەلقئارا نەق مال ئالتۇن داۋاملىق 1280-1290ئارىلىقىدا تار دائىرىلىك تەۋرىنىش ئىلىپ باردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ جىددىي سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزگەن كونتروللۇقىنى يوقاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا بىخەتەرلىك كرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ توختىتىپ قويۇلغان ئىشىنى ھەل قىلىش يولى بولسا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ چېگرا تېمى قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان پۇل بېرىشكە قوشۇلۇشى.

تىرامپنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى پىروش مۇنداق دېدى: ترامپ سۆزىدە ئامېرىكا خەلقىگە تەھدىت سىلىشقا ئۇرۇندى، لېكىن ھازىر تېخىمۇ مۇھىم ئىش بولسا رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىش؛ تىرامپنىڭ سىياسىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىۋەتتى.

ئاسىيا بازىرى يىپىلىشقا ئاز قالغاندا، بازار خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى داۋاملىق ئۆرلەپ، نەق مال ئالتۇن سىجىل چۈشتى، نۈۋەتتە1280دوللاردىكى ئۆتكەلگە يېقىنلىشىپ قالدى.

بۈگۈن ئىچىدىكى ئالتۇن يۈزلىنىشىگە قارىتا، ئاپپارات Titan FX ماقالە ئېلان قىلىپ تەھلىل قىلىش ئىلىپ باردى، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

ئالتۇن يۈزلىنىشىگە نەزەر سالساق، ئالتۇن باھاسى 1240 تىرەشتىكى ئۇرۇندىن زور دەرىجىدە قاڭقىشتىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى 1295دوللاردا بېسىمغا دۇچ كەلگەن. باھا يۈزلىنىشى 1298 دوللار ئەتراپىدا قىسقا مۇددەتلىك يۇقىرى نۇقتا شەكىللەندۈرگەن، كېيىن 1285دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.