ئالتۇن بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ قالدى

zumrat 2018-11-14 17:30:25

\

بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە ئالتۇن باھاسى تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ ئەڭ تۆۋەن 1170دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، بازاردا چۈشۈش كەيپىياتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. گەرچە 10-ئاي ئىچىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈش بازىرىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قارار يىغىنىدا داۋاملىق ئۆسۈم قوشىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان، ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى كۈچلۈك بولغان، بۇ ھەپتىمۇ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئېشىپ بېرىپ، ئالتۇن باھاسىغا قايتا بېسىم شەكىللەندۈرۈپ 10ئاي ئىچىدىكى ئۆسۈش بوشلۇقى كەينىگە يېنىپ كەتتى، ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1196دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، بۇ ھالەت مەبلەغ سالغۇچىلارنى تېخىمۇ ئېھتىياتچان قىلىپ قويدى.

يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قىممەتلىك مېتاللار مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرى بولغان Metals Focusكۆرسەتمىسىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، مۆلچەرىمىزدە ئالتۇن باھاسى 2019يىلى كىرىشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆرلەش بوشلۇقىنى بەك چوڭ مۆلچەرلىۋېلىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىدىغان ئۇچۇرلار كەمچىل. ئورگاننىڭ مۆلچەرىدە كېلەر يىلى ئالتۇن باھاسى قايتا يۇقىرى ئۆرلەپ 1350دوللار ئەتراپىغىچە چىقىشى مۇمكىن، 2019-يىللىق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1300دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ مۆلچەر قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.