ئالتۇن باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسۈش پۇرسىتىنى بېرىدۇ؟

zumrat 2018-10-16 18:19:25

\

سەيشەنبە 10-ئاينىڭ16-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1226دوللار ئەتراپىغىچە چۈشكەن، ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى 10دوللار ئۆسۈپ 1330دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىغا چىققان ئىدى. ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئاۋام پالاتا سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەل رايىنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ترامپنى قوللاش نىسبىتى % 41 بولغان. يېقىندا خەۋپ - خەتەر ۋەزىيىتى كۆپىيىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

JKonFXئانالىزچىسىJoel Krugerماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، 2018-يىلى بىرىنچى پەسىلدە دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، ياۋرونىڭ دوللارغا بولغان نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەپ 3يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، فوندستېرلىڭ نىڭ دوللارغا بولغان نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسەتكەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى پەسىلدىن باشلاپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى، دوللار ئېھتىياجى كۈچلۈك تەۋرەنگەندىن كېيىن، ئاساسلىق پۇللارنىڭ قىممىتى بەس - بەستە چۈشۈشكە باشلىدى. تۆتىنچى پەسىلگە كىرگەندىن بۇيان، بىز يەنە ئاساسلىق پۇللارنىڭ ئېھتىياجى ئاشقانلىقىنى كۆردۇق، بۇنىڭدىن دوللارنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1275دوللارغىچە ئۆرلەش بوشلۇقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1275دوللاردىكى بۆسۈش نۇقتىسىدىن ئېشىپ كېتەلىسە داۋاملىق ئۆرلەشنى كۆرسىتىپ قالىدۇ. ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشى جەھەتتىن، ئالتۇن باھاسى 1190دوللاردىكى باھادىن چۈشۈپ كېتەلىگەندىلا ئاندىن چۈشۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.