ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشى تەس

parida 2018-05-07 15:20:43

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى) ياۋرۇپا بازىرىدا نەق ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ھالدا ئاسىيا بازىرىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنى يوقىتىپ قويدى، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1318.78 دوللارغا چىقتى، نۆۋەتتە 1313 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ.
ئەتىگەنلىك بازاردا دوللار كۆرسەتكۈچى ۋاقتىنچە ئۆسۈشتىن توختىدى، ئالتۇن باھاسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىدى، ئاسىيا بازىرىدا سودا ئاساسىي جەھەتتىن سۇس بولدى، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشى دوللارغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى. يېقىنقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىل يەنىلا دوللار بولۇپ، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە شىددەت بىلەن ئۆرلىشى گەرچە ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما دوللارنىڭ كۆپ مىقداردا سېتىۋىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1300 دوللارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۆسۈش ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1330 دوللاردىن ئاشالىسا، ئۇنداقتا 50 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1325 دوللار ئەتراپىدا تىرەش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.