قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى

zumrat 2018-04-20 16:24:38

\

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى 1354دوللار ئەتراپىغا چىققان، بىراق كەچ تەرەپتە ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، دوللىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان، بۇ ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ياۋروپا سودا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1341دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى.

داڭلىق چەت ئەل مالىيە - ئىقتىساد تور بېكىتى FXStreetتەھلىلچىسى Omkar Godboleجۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ 2يىللىق قەرز پايدا نىسبىتى % 2.4گە يېتىپ، جۈمە كۈنى ئاسىيا سودا بازىرىدا 2.44%گە چىققان، شۇنداقلا2009-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى كۆرسەتكەن. بۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئۆتكەن 10 كۈن ئىچىدە ئالتۇن باھاسى 1350دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىدىن ئىككى قېتىم بۆسۈپ ئۆتۈشىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بۇنىڭدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى توسالغۇ نۇقتىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئالتۇن باھاسى قايتا 1337دوللار ئەتراپىغىچە چۈشۈش بوشلۇقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1337دوللاردىن چۈشۈپ كېتەلىسە 1331دوللار بىلەن 1329دوللار ئەتراپىغىچە چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار. يۇقىرى توسالغۇ نۇقتا 1355دوللاردىن ئېشىپ كېتەلىسە 1337دوللار بىلەن 1365دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىغا ئۇچرايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.