ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۇچۇر ئېلان قىلىنىدۇ

zumrat 2018-04-06 18:17:14

\

جۈمە 4-ئاينىڭ6-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى ئەتىگەنكى يۇقىرى نۇقتا 1333دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈپ ئەڭ تۆۋەن 1320دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. بۈگۈن بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلىدىغان، ھەر ئايدا بىر قېتىملىق چىقىدىغان غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى، بۇ ھەپتە ئىچىدىكى مۇھىم سانلىق مەلۇمات ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئۈچۈن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىرى.

ئىقتىساد شۇناسلار بىردەك مۆلچەرلەپ، بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان 3 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 185مىڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.