ئەگەر بۇخىل ئەھۋال كۆرۈلسە ئالتۇن باھاسى 1475 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن

parida 2018-03-09 11:10:42

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا نەق ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى، نۆۋەتتە 1320 دوللارنىڭ ئاستىدا سودا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى كورىيە ئامېرىكا-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇھىم بايانات ئېلان قىلىدى، بۇنىڭ بىلەن يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇپ، يىن، ئالتۇن قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈكلىرىنىڭ باھاسى بەس-بەستە تۆۋەنلىدى.
گەرچە ئالتۇننىڭ سودا ئارىلىقىدا داۋاملىق ئۆسۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يىتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپ يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشىغا بەك كۆپ كۈچ كەتمەيدىكەن. بۇ ھەپتىدە باشلانغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، GraniteShares نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Rhind نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەۋرىنىش نىسبىتى چوڭ بولغان مۇھىت ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، 1475 دوللارغىچە ئۆرلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كېينكى ئامىللار بولسا، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ يۇقىرىلىشى ھەمدە پايچەك بازىرىنىڭ تەڭشىلىشى ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.