ئالتۇن باھاسى يەنىلا زور تەۋرىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ

parida 2017-11-15 13:32:13

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 14-كۈنى) زور دەرىجىدە تەۋرىنىش ھالىتىگە كىردى، دەسلەپتە ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئارقىدىن يەنە ئۆرلەپ ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1282.10 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى. سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى يېڭى يۇقىرى نۇقتىغا چىققاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار كېيىنكى ئايدا ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، ئەمما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يۆنىلىشىنىڭ ئېنىقسىز بولۇشى ئالتۇننىڭ چۈشۈش نىسبىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ تۇرماقتا. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 10-ئايلىق PPI ئىشلەپچىقىرىش مال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.4 يۇقىرىلىغان بولۇپ، مۆلچەردىكىدىن %0.1 يۇقىرى بولغان. ئامېرىكىنىڭ 10-ئايلىق PPI ۋە يادرولۇق PPI نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان بولۇپ، 2012-يىلى 2-ئايدىن بۇيان يېڭى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى شەكىللەندۈرمەكتە. سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Janet Yellen، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Mario Draghi، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Haruhiko Kuroda ۋە ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Mark Carney قاتارلىقلار ئىقتىساد ۋە پۇل سىياسىتى توغرىسىدا ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلدى، ئۇلار كۆپرەك بازارنىڭ كەلگۈسى ۋە ئالاقە توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغاچقا، بازارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دوللىرى ۋە پايچېكىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى، شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا باج ئىسلاھاتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى قاتارلىقلار ئالتۇنغا پايدىلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
ئامېرىكا ئاكسىيە سودا مەركىزىنىڭ تاكتىكىچىسى Martin Arnold نىڭ قارىشىچە، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئېشىپ، ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كېلەر يىلى پاسسىپ ھالەت شەكىللىنىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.
SkyBridge كاپىتالىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ دىرېكتورى Troy Gayeski نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى ھەمدە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئالتۇن بازىرىنىڭ جانلىنىشى تەس بولۇپ، بازارنىڭ «گۈللىنىشى»گە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.