ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مەزگىللىك يۆنىلىشى چۈشۈش بولۇپ 1300 دوللارنى نىشان قىلماقتا

patigul 2017-09-18 15:22:37

\

نەق مال ئالتۇن باھاسى جۈمە(9-ئاينىڭ15-كۈنى)كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىگەن. ھەمدە بازار يېپىلغاندىمۇ چۈشۈش يۆنىلىشىنى كۆرسەتكەن. ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى 1334.34 دوللار، ئەڭ تۆۋىنى 1319 دوللاردىكى باھالارنى كۆرسەتكەن. ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1330 دوللارنىڭ يۇقىرىسىدىن قايتا چۈشكەن، بۇ 1334 دوللاردا بەلگىلىك توسالغۇ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نۆۋەتتىكى گرافىك ھالىتىدىن قارىغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ 20 كۈنلۈك سىزىقى 1319 دوللارنى كۆرسەتكەن. قىسقا مەزگىللىك يۆنىلىشى يەنىلا چۈشۈش بولۇپ 1300 دوللارغىچە چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللنىۋاتىدۇ.

دۈشەنبە(9-ئاينىڭ18-كۈنى) ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1318 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىپ 1334 دوللاردا توسالغۇغا ، 1300 دوللاردا تىرەشكە ئۇچرىماقتا.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.