ئالتۇن باھاسى 1400 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن

parida 2017-08-21 15:43:09

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى (8-ئاينىڭ 18-كۈنى) دىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ 1300 دوللارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، سودا خادىملىرى ۋە تەھلىلچىلەر كېلەر ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئۇزۇن ئۆرلەش سەۋىيىسىنى ياراتقان. تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان 19 نەپەر ئالتۇن سودىگىرى ۋە تەھلىلچىسىنىڭ ئىچىدە 9 نەپىرى%48 ئۆسىدۇ، 5 نەپىرى %26 ئۆسىدۇ، يەنە 5 نەپىرى %26 نورمال سەۋىيىنى ساقلايدۇ دەپ پەرەز قىلىشتى.

Morrison ئاخبارات تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى Ken Morrison نىڭ قارىشىچە، بۇ ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن. نۆۋەتتە چاۋشيەن ۋەزىيىتى پەسىيىپ، ئاق ساراينىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشتى، بۇ مۇھىم بولغان پۇل سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولدى. كېلەر ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1320 دوللار ئەتراپىدا بولۇشى ھەتتە 1335 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.

داۋمىڭ ئاكسىيەسىنىڭ ئىستىراتېگىيەگە مەسئۇل خادىمى Bart Melek نىڭ قارىشىچە، ئالتۇن بازىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ياكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت پايچەك بازىرىغا دائىملىق تەسىر كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ياخشىلىنىدۇ، ئالتۇن باھاسى شۇ چاغدىلا 1300 دوللاردىن ئاشالايدۇ.

Kitco نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەھلىلچىسى Jim Wyckoff نىڭ قارىشىچە، ئالتۇن باھاسى ھالقىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتەلىسىلا داۋاملىق 1400 دوللارغا قاراپ يۇقىرلايدۇ. ئالتۇن بازىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ كېيىنكى نىشانىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ 2016-يىلىدىكى يۇقىرى نۇقتا 1378.00 نۇقتىلىق توسالغۇغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۆتكەل 1400 دوللار، ئەگەر ئالتۇن باھاسى بۇ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە، ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىدە تېخنىكىلىك جەھەتتىن توسالغۇ قالمايدۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا 1500 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.