چارشەنبە كۈنى ماي باھاسى قايتا ئۆستى

zumrat 2017-05-18 17:26:17

\

مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ 6-ئايلىق زاكاز مال نىسبىتى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى) 0.41 دوللار ئۆستى، ياكى %0.84 ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.07 دوللارغا چىقتى. برېنىت خام نېفىتىنىڭ 7-ئايلىق زاكاز مال نىسبىتى چارشەنبە كۈنى 0.56 دوللار ئۆستى، ياكى %1.08 ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 52.21 دوللار بولدى. ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغاچقا، خام نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئازايغان، بۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولغان. بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇمۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر تۇڭى 49.49 دوللارغا چىقتى، برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر تۇڭى 52.60 دوللارغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.