ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى راستىنلا تۆۋەنلىدىمۇ؟

zumrat 2017-05-18 15:36:13

\

مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) باشچىلىق قىلغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ھەرىكىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما،چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار تەمىناتى يەنىلا يىتەرلىك بولغاچقا، ئاسىيا قىتئەسىدە پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 18-كۈنى)خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى. ئەمما، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئايدا مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى كۆزلەنگەن نىشان، شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ «مەخپىيەتلىكى» نىڭ ئاشكارلىنىشى بىلەن دوللارنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشىشى-- دوللارنى بىرلىك قىلغان ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

پەيشەنبە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە، برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %0.4 تۆۋەنلىگەن، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 52 دوللار بولغان، ئارقىدىن بىر كېچىدە %1.1 ئۆرلىگەن؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتىمۇ %0.4 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48.88 دوللار بولغان، ئارقىدىن بىر كېچىدە %1.1 ئۆرلەپ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.50 دوللارغا چىققان. برېنىت خام نېفىتىنىڭ راسچوت باھاسى 0.56 دوللار بولۇپ، %1.1 ئۆرلىگەن، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 52.21 دوللار بولغان. ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى 0.41 دوللار ئۆسكەن، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.07 دوللار بولۇپ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىققان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.